«ئۈچ بوغۇز توسمىسى» نىڭ سەل ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كارغا كەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي خىتاي رايونلىرىنىڭ ئېغىر سەل ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى، «ئۈچ بوغۇز توسمىسى» نىڭ خىتاينىڭ ياڭزى دەرياسىدا كۆرۈلىدىغان سەل ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھېچ كارغا كەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئورگانلىرى ياڭزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ئېقىمىدا كۆرۈلىدىغان سەل ئاپىتىنىڭ دەرىجىسىنى 12-ئىيۇل 3-دەرىجىدىن 2-دەرىجىگە كۆتۈرگەن.

خىتايدا سەل ئاپىتىنىڭ دەرىجىسى 4 بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئەڭ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.

«ئىقتىسادشۇناس» خەۋەرلەر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتى ھازىرغا كەلگۈچە 141 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، بىر نەچچە مىليون ئادەم ئوي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان، 28 مىڭ ئېغىز ئوي ۋەيران بولغان، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 11. 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، 2006-يىلى تاماملىنىپ، خىتاينىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى سۇ تىزگىنلەش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى، دەپ قارالغان «ئۈچ بوغۇز توسمىسى» بۇ يىللىق سەل ئاپىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەن.

بۇ، ئىلگىرى مەزكۇر توسمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارىشى چىققۇچىلارنى قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزگەن، بەزىلەر بۇ توسمىنىڭ يېرىلىپ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاپەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىشقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى پەرەزلەرنى غەزەپ بىلەن ئىنكار قىلغان.

18-ئىيۇل، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ توسمىنىڭ سەل ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «توسما يېرىلىدۇ» دېگەن گۇمانلارنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توسمىنىڭ سۇ يۈزى 160 مېتىرغا ئۆرلەپ سەلنى بىخەتەر تىزگىنلەش چېكىدىن 15 مېتىر ئېشىپ كەتكەن. شەنبە كۈنى ئەتىگەندە توسمىنىڭ بىر نەچچە سەل كونترول قىلىش قاپقاقلىرى ئېچىلىپ سۇ قويۇپ بېرىلگەن.

«ئۈچ بوغۇز توسمىسى» سەل ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ تىزگىنلەش ۋە توك ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە ياڭزى دەرياسىغا ياسالغان. بۇ توسما قۇرۇلۇشىغا 31 مىليارد دوللاردىن پۇل ۋە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. توسما 1. 3 مىليون يەرلىك خىتايلارنىڭ يۇرتلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا خىتايدا يەنە ئېغىر ئېكولوگىيەلىك، ئانتروپولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىقلارغمۇ سەۋەب بولغان.