ب د ت كورىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆز شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىدىن چەك-چېگرا ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كورىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە سۇنۇپ، سامسۇڭ، LG قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن چېتىشلىق كارخانىلاردىن مال ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇتەخەسىسلىرى ئىشخانىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى (13-ماي) بىلدۈرۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە خادىملار 12-مارت كۈنى كورىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇب يېزىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگەنىكەن. مەكتۇبتا ئېيتىلىشىچە، سامسۇڭ، LG قاتارلىق بىر نەچچە شىركەت خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، خالىغانچە ئادەم تۇتۇش ۋە قۇل ئەمگەكچى ئەتكەسچىلىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، كورىيەدە يۇقىرى شىركەتلەردىن باشقا يەنە بىر مۇنچە شىركەتلەر قۇل ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن مال ئالىدىغان خەلقئارا شىركەتلەر ئادەتتە تولۇق ھوقۇقلۇق مۇپەتتىشلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىكەن. كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى كورىيەدىكى بىرەر شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركىتى بىلەن سودا قىلغانلىقىنى بايقىمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.