ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنە كۈچەيتىلگەن
2018.01.31
خىتاي خەۋەرلەر تورىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ چاغانلىق بايرىمى مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بىرەر ۋەقە كۆرۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنە كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بەرگەن يوليورۇقىدا، بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ھەربىر يولۇچىنى ۋە ھەر بىر يۈك-تاقنى تەكشۈرۈشنى يۈز پىرسەنت ئىشقا ئاشۇرۇشنى، شۇنداقلا خەلق ساقچىلىرىنى پويىز ئىستانسىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق قاتناش دائىرىلىرى چاغان مەزگىلىدە پويىزلاردىكى قاتناش سانىنىڭ 4 مىليون 4 يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشىنى مۆلچەرلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى زور ساندىكى خىتاي ئاھالىسى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كېلىدىكەن.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ كورلا قاتارلىق شەھەرلەردىكى 7 چوڭ ۋوگزالدا 17 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلى قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە يەنە بىر قىسىم ۋوگزاللاردا يولۇچىلارغا قارىتا «يېشىل يول» تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.