پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئامانەت قەرز بانكىسى بولغان «ھەبىب» بانكىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تارماق بانكا ئېچىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئىمزالانغان 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇش توختامىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش لايىھىسى بويىچە پاكىستاندىكى گۋادار پورتى تاشيول ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق قەشقەرگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.
«جانلىق مۇنبەر» خەۋەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ھەبىب» بانكىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى گۋادار پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەش سودىسىنى يۈرۈشتۈرىدىكەن. ئۈرۈمچىدە تارماق بانكا ئېچىش بولسا خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يىلسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ھەر يىلى خىتايدىن بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مال ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يىل سەككىز ئاي ئىچىدە پاكىستانغا سالغان ئومۇمى مەبلىغى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 204 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 523 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيگەن. خىتايدىكى ئەڭ چوك بانكىلاردىن بىرى بولغان «سودا-سانائەت بانكىسى» ھازىر پاكىستاننىڭ كاراچى، ئىسلامئاباد ۋە لاھور شەھەرلىرىدە تارماق بانكا تەسىس قىلغانلىقى مەلۇم.
