دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشى تەكىتلەنمەكتە

ئۇيغۇر خەلق سەنئەتكارى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپ تارقاتقان قىسقا فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن لاگېرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بولۇپمۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋېلىپ ئۇلارنىڭ «مېڭىسىنى يۇيۇش» بىلەن مەشغۇل بولۇشى ھەققىدە دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئادالەتكە چاقىردى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلارغا قوشۇۋېتىشنى ئىستەپ كەلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن ئاھالە سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىشنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ مۇشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئۇسۇلنىڭ سۈرئىتى بىراقلا ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىۋېتىش، ئۇلارنىڭ تىلى، ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تۈرلۈك يوسۇندا ئاقلاپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ھازىر ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتايدىن قورقۇش ياكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەش خاھىشى تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق جىنايەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇ قاتاردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ جازا لاگېرلىرىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر نومۇس» دەپ ئاتىغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق باشقا ھۆكۈمەتلەرنىمۇ بۇ خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل زۇلۇم ئۈچۈن ئادالەت سورىقى قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. ماقالىدا ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ھەقتىكى مەخسۇس قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، دۇنيانىڭ لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئادالەت سورىقى قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.