خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەزالىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە بېرىپ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ۋە قادىن كەبىن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا باي ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، لوپنور ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» ھەققىدە سۆز قىلغان.
ئاتالمىش «10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇمىييۈزلۈك تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى تەتقىقات مەركىزى مۇ بۇ ھەقتە بىر يىغىن چاقىرىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇش، ئۇنى چىڭ تۇتۇش-ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ئومۇمىي نىشانى» دەپ كۆرسەتكەن.
يىغىندا «مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى مەھكەم ساقلاش، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى› نى سىڭدۈرۈش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك،» دېيىلگەن.
يۇقىرىقى بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.
چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەن.
