ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ خىتاي مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە يەنە چېمپىيون بولغان

ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بوكس تۈرى بىلەن پۇتبول ساھەسىدە خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشى ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا.

11-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن موڭغۇل رەقىبى خۇرچابىلىگنى يېڭىپ يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولغان.

شىنخۋا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ شۇ كۈنى 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئىچكى موڭغوللۇق رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتقان.

بۇ مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان 69 كىلوگراملىقلار بويىچە خىتايدا ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم چېمپىيون بولۇشى ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرىنچى مەيدان تۇتۇشۇشتا موڭغۇل ماھىرى خۇرچابىلىگ بىراقلا ھۇجۇم قوزغاپ دەسلەپتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، بىرىنچى مەيدانلىق ئېلىشىش ئاخىرلىشىشقا پەقەت 2 مىنۇت 35 سېكۇنت قالغاندا مەمەتتۇرسۇن چوڭ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتقان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 3 مەيدان مۇسابىقىدە مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىزچىل ھالدا ھۇجۇم ھالىتىنى ساقلاپ، رەقىبى خۇرچابىلىگنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇپ يىقىتقان ۋە ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

يەنە بىر قېتىم خىتاي بويىچە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن مەمەتتۇرسۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «گەرچە يېشىم چوڭىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە داۋاملاشتۇرماقچىمەن. كېيىنكى نىشانىم 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە نەتىجە قازىنىشتۇر.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسىدە يەنە ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئەخمەت مەمەت 91 كىلوگراملىقلار بويىچە، قازاق ماھىرى توختاربەگ قالاتخان 75 كىلوگراملىقلار بويىچە خىتاي دۆلەت كوماندىسىدىكى خىتاي رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.