ئۇيغۇر دىيارىدا ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا
2022.11.15
ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات قاناللىرى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى نورمال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكى» ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى بېرىشكە باشلىغان. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 15-نويابىر سانىدا ئىلى، تۇرپان، كورلا، شىخو قاتارلىق جايلاردا «يۇقۇمنىڭ خەتىرى تۈگىگەن رايونلار»دىكى ھاياتنىڭ نورماللاشقانلىقى، ھەرقايسى ساھەنىڭ تەدرىجى ھالدا ئىلگىرىكى ھالەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ تەڭرىتاغ، بۇلاقتاغ، سايباغ قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا نەق مەيدان تەكشۈرىشىدە بولغان. بۇ جەرياندا ما شىڭرۇي نۇقتىلىق قىلىپ: «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىىزى كومىتېتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى 20 تۈرلۈك چارىسىنى قەتئى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەرنى قىلچىلىكمۇ بوشاشتۇرماستىن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق 20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىزچىللاشتۇرۇش»تەك سىياسىي ۋەزىپىنى شەرھىيلىگەن.
ما شىڭرۇي، بىر تەرەپتىن ۋىرۇس يۇقۇمنى «تېز بايقاش، تېز ئەملەش ۋە تېز ئايرىپ تەكشۈرۈش» نى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇم قامالى ھەققىدە «ئۆسەك سۆز تارقاتقان» ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ ئايدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان قامالنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقاندا، ما شىڭرۇينىڭ بۇ خىل «قەتئىيلىك» ھەققىدە يوليورۇق بېرىشى، نۆۋەتتە قاتتىققوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ۋىرۇس ۋاباسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى»نىڭ قانچىلىك ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا تۈرلۈك گۇمانلارنى تۇغدۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
15-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن 28 كىشى، ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن 771 كىشى كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى ئىزچىل يالغانچىلىقنىڭ مىسالى قاتارىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مۇشۇ سانلارنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تولۇق كونترول قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتىكى يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا خەلق ئاممىسىغا كۆپلىگەن پاجىئەلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.