بروكىڭ ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان بروكىڭ ئىنستىتۇتى 14-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جەريانىغا قاراپ چىقىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتنى جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە تەتقىقاتچى داليا پېتېرسون بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان بولۇپ، دوكلاتتا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئارقىلىق يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ» دېيىلىدۇ. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى مىقياستىكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ كەلگەنلىكى، 2016-يىلىدىن باشلانغان زور تۇتقۇندىن كېيىن بولسا زور كۆلەملىك نازارەت، لاگېرلار، مېڭە يۇيۇش، ئائىلە جۇدالىقى، تۇغۇت چەكلىمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق بىر قاتار قەبىھ چارىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى بىر-بىرىگە باغلىغان گۇلاگ سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۈزلىگەن-مىڭلىغان خىتاي شىركەتلىرى بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك زۇلۇم ۋە باستۇرۇشتا خىتاي ساقچى سىستېمىسىغا يېقىندىن ياردەملىشىش ئارقىلىق غايەت زور دەرىجىدە بېيىغان. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قاتار خىتاي شىركەتلىرى ۋە مۇئەسسەسىلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. نۆۋەتتە ھېلىھەم مۇئەييەن ساندىكى غەرب شىركەتلىرى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل زۇلۇملىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولغۇچى بىر قاتار تېخنىكىلارنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى جامائەت پىكرى ئۇلغايتىش ھازىر تولىمۇ جىددىي ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەر ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دوكلات غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش مەقسىتىدە تەييارلانغانىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت