ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز ئۆتكەن ھەپتە يەنە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش كۆلىمىنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى جايلاردا 90 پىرسەنت يەرلىك دېھقان ئاھالىسىنىڭ يېرى تارتىۋېلىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، شۇنداقلا يەرلىك ئاھالىلەر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش پىروگراممىسى ئارقىلىق مائاشقا تايىنىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
ئارىيان زېنزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: 2023-يىلى ۋە 2024-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەشنىڭ داۋاملىشىش ئەھۋالىنى باھالاش» ناملىق دوكلاتى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن «جېيمىس توۋن فوندى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە دۆلەت پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 2025-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا ئىكەن. دوكلاتتا، 2023-يىلى خىتاينىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش پىروگراممىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنىڭ 38 پىرسەنت كۆپەيتىلىپ، 2010-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە 2023-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىشسىزلىقنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى» كېڭەيتىلىپ، تۆۋەن كىرىمدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلگەن. بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتقانلىقىنى قەتئىي رەت قىلىپ، كۈچلۈك دىپلوماتىك ۋە تەشۋىقات ھۇجۇمىغا ئۆتكەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنىمۇ كۈچەيتكەن.