يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس «ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ ھەل قىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ چىققان.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، «ئۆتكەن يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەرزىيەت ئىشلىرى ئىسلاھاتى تەرەققىي قىلىپ، ۋەزىيەت بىر قەدەر مۇقىم بولغان، ئىشنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەن» دەپ يېزىلغان. يىغىندا يەنە قىلىنغان ئەرزنى چوقۇم ھەل قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. بىراق، ئۆتكەن يىل ۋە بۇ يىل ئىچىدە رادىئومىز ئالاقە قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەمەلىيىتى بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىمەكتە.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تەرەققىيات رايونلىرى بىلەن ئىچكى قىسىمدا سودىلىشىپ، ئۆز تەۋەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۆي -جاي ۋە زېمىنلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، بۇنى رەت قىلغان ياكى بازار باھاسىدا ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلغان بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ زورلۇق-زۇمبۇلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بىر قىسىم ئەرزدارلار ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بېسىمغا چىدىماي، ئامالسىز سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكە-شەھەرگە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھالقىما تەرەققىيات پىلانى ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ، تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇۋەتكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يەنە، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە بالىلىرى ۋە يېقىنلىرى يوقاپ كەتكەن پاتىگۈل غۇلامغا ئوخشاش ئەرزدارلارنىڭ داۋاسىنىڭمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن سولاپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.