خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنور ناھىيەسىدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى ئۆز ئىچىگە جەمئىي 6 نەپەر كادىرغا چارە كۆرگەن

خىتايچە «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا لوپنور ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە 6 نەپەر كادىر ئۈستىدىن «بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن.

ئۇلار لوپنور ناھىيە تارىم بازىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بازار باشلىقى مەھمۇت رېھىم، گۈلباغ يېزىلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى رەيھانگۈل مۆيدىن، قارچۇغا يېزىلىق سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ كادىرى ھوشۇر مەمەت قاتارلىقلار ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقىرىقى ئالتە تىپىك دېلودا بىر قىسىم كادىرلارنىڭ ئىنتىزام ئېڭى ئاجىز بولۇپ، ئۇلار ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان؛ بەزى يېتەكچى كادىرلار شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتقان. ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ مۇلازىمەت تۇيغۇسى يوق. ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان، پارتىيە ۋە ئامما ئارىسىدا پايدىسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان».

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىسىمىگە خىلاپلىق قىلىش» دېگەن نام بىلەن ئاساسىي قاتلاملاردىكى كادىر-ئەمەلدارلارنى جازالاش ھەرىكىتى قوزغىغان. چەت ئەللەردىكى كۆزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكتىن، رايوندىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كادىر-ئەمەلدارلارنىڭ يۈرىكىنى قىسىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز چىڭىيىۋاتقانلىقى لوپنور ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن:

«ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئەترەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەمىشە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى كېرەك. ھارغىنلىقتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىپ، ئاشكارىلانغان سىستېما يوچۇقلىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۆلۈك نۇقتىلىرىغا قارىتا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەكلىپلىرىنى تېزدىن كۈچەيتىشىمىز، سىستېما مېخانىزىمىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.»