ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ئۆيى ئاچتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.23

20‏-دېكابىر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتى» ناملىق كۆرگەزمىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە يېمەك ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇردى.

كۆرگەزمە ئۆيى خىتاينىڭ شىنجاڭ بۆلۈمى، نامىدا ئېچىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆرگەزمىگە ئەتلەس، دوپپا، بۆشۈك، كىتاب، ئەتلەس يېكەنداز، ساڭزا، نان، مىس چۆگۈن قاتارلىق بۇيۇم ۋە يېمەكلىكلەر قويۇلدى.

«ئىسلام ئۇچۇرى» ناملىق تور بەتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت مەدىنە شەھىرىنىڭ 2013‏-يىلى ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ باھالانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت مەدىنە شەھىرىدىكى چەتئەللىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىرلىق مىللىي مەدەنىيىتى، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى 1961‏-يىلى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئىسلام شەرىئەت ئىلمىي بويىچە نوپۇزلۇق ئىسلام بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر مەكتەپنىڭ خىتايدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىسى تۇڭگانلارنى ئاساس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.