خىتاي: «شىنجاڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

38-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ، خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەلەپلەرنى دەرھال ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن «ئاسىيا ئەركىنلىك ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا خىتاي تەرەپ، «ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەلنىڭ ئارلىشىشىنى رەت قىلغان. يىغىندا خىتاي ۋەكىلى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2019-يىلدىن بېرى توختاپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 17-فېۋرال كۈنى بېرېۇسسېلدا 4 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم قايتا ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن بۇ يىغىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. يىغىننىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دەك ئاممىۋىي تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، بۇ سۆھبەتنىڭ «شىنجاڭ رايونىدا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىكى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەھمىيەتسىز يىغىن» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

«ئاسىيا ئەركىنلىك ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ باش ۋەكىلى سۈن لېي: «خىتاينىڭ شىنجاڭ، تىبەت رايونلىرى ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دۆكلاتى» دىكى تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشپولات تېيىپ، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى قويۇپ بېرىشنىمۇ تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.