بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

6-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىدە «خىتايدىكى ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس ۋە يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دارېن بايلېر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

روشەن ئابباس يىغىندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

دوكتور داررېن بايلېر ئۆزىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور بۆھراننىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى ئەھۋالىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ زور ساندا لاگېرلارغا قامىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرغان.

يىغىن جەريانىدا ئۇلار ھەرقايسى جايلاردىكى ئىلمىي خادىملارنى، جۈملىدىن بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي بۆھرانغا قارىتا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بۆھراننى ئامېرىكىدىكى ئىلمىي ساھەگە ئاڭلىتىشتا ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارغا بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيىتى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.