خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارالىق قىزىق تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى غەرب دۇنياسىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز ۋە شەرتسز تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلىشنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەكىتلىدى.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن يېقىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقان ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جېيسىندا ئاردېرن دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئېغىر ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان شىنجاڭ رايونىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ توسقۇنسىز ۋە شەرتسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپ تەكرارلانغان «بىز چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن باياناتىغا قارىتا ئېيتىلغانىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «مىليونچە ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋەرلىرىنى ئىنكار قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇ باياناتنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىكەن. ئەمما ھەرقېتىم چەتئەل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا بۇنىڭغا بىر قاتار شەرتلەرنى قويۇپ، ئۆزلىرى بېكىتىپ بەرگەن جايلارنى تەكشۈرۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال بولسا ئىزچىل تۈرلۈك گۇمانلارغا سەۋەب بولۇپ كەلگەنىدى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 2021-يىلى 19-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتتىمۇ بۇ مەسىلە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىگە ھەر خىل توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىشى بۇ توسقۇنلارنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللارغا سەۋەب بولماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.
