ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلەردە يۈزلىگەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى كۆپلەپ مەلۇم بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «ئۇيغۇرلار- دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار» دېگەن تەشۋىقاتنى بازارغا سېلىپ كەلگەنىدى. يېقىندا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدە بولغاندىن كېيىن مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 2021-يىلى رامزان مەزگىلىدە چىرا ناھىيەسىدىكى ئېگىز تاملارنىڭ قورشاۋىدا كۆرۈنمەس بولۇپ قالغان بىر مەسچىت خارابىسىنى بايقىغان. مەزكۇر مەسچىت 2019-يىلىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئېنىق كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ قۇببىلىرى كۆزدىن غايىب بولغان. شۇ جايدىكى بىر كىشىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغاندا ئۇ «بۇ جايدا ھېچقاچان مەسچىت بولغان ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش» نامىدىكى پائالىيەتلەردە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىناكارلىق نەمۇنىلىرىنى ئاساسىي نىشان قىلىپ كەلمەكتىكەن. مۇخبىرلار بۇ قېتىم سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مۇقىملاشتۇرغان مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا خوتەن، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى ساقلاپ قېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، مەسچىتلەرنىڭ ئاسما پانۇسلار ۋە خىتاي بايراقلىرى بىلەن تولغانلىقىنى، شۇنىڭدەك مەسچىتلەردىكى تۈرلۈك تىزىملاش تەدبىرلىرىنى كۆرگەن. شۇنداقلا ھەممىلا جايدىكى مەسچىتلەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن گۈزەل شىنجاڭ قۇرايلى» دېگەندەك شوئارلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنى مۇئەسسەسەلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت كۆپ قېتىم «بىز مەسچىتلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىۋاتىمىز» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بارلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ھېچقاچان ئاشكارىلاپ باقمىغانىكەن. ئەمما ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ مەسچىتلەردىن ئاز دېگەندىمۇ 16 مىڭدىن ئارتۇقراقىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىم رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى بۇ خىلدىكى مەسچىت چېقىش قىلمىشىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىۋاسىتە دەللىلەپ بەرگەن.
