ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تور مەركىزىنىڭ چەتئەل تورلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى توپلايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى
2022.01.03
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇماتلىرىنى نازارەت قىلىش تورىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمىنى سىرتقا قاراتقانلىقى، فېيسبوك، تىۋىتتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى قېزىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، ھەربىي ۋە ساقچى تارماقلىرىنى چەتئەل نىشانلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نازارەت تورى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ توپلاپ، كاتالوگلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ بۇنىڭغا دائىر دائىر يۈزلىگەن ھۆججەت، توختام ۋە شىركەت ئارخىپلىرىنى كۆرۈپ چىققان. خەۋەردە، خىتاينىڭ نازارەت يۇمتاللىرى نۇقتىلىق خىتاي ئىچىدىكى تور ئابۇنتلىرىغا ۋە تاراتقۇلىرىغا قارىتىلسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ 2020-يىلدىن باشلاپ چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن ئۇچۇر توپلايدىغان يۇمتاللارنى لايىھىلەشكە ئائىت 300 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت پروگراممىسىغا دائىر ھۆججەت ھەم توختاملار كۆرۈپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يۇمتاللار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ 320 مىڭ دوللارلىق چەتئەل ژۇرنالىستلىرى ھەم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلاش، بېيجىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ 216 مىڭ دوللارلىق غەربنىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئانالىز قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تور مەركىزىنىڭ چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى توپلاپ، كاتالوگلاشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ئىلغار تور نازارەت تېخنىكىسى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەتئەلدىكىلەرگە نىشانلىق پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن.