14-ئىيۇل كۈنى «بۈگۈنكى ئەركىن مالايسىيا» گېزىتىدە ئامېرىكا ۋىسكانسون-مەدىسون ئۇنىسۋېرسىتېتىنىڭ تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى تەتقىقاتچىسى يى فۇشىيەنننىڭ ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. يى فۇشيەننىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا يۆكەپ كېلىنىپ، يوقۇرى بېسىملىق باستۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى شىددەت بىلەن ئازىيىپ، دۇنيانى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە كېمىيىشكە باشلىغان.
ئۇ «ئۇيغۇر نۇپۇسى نېمە ئۈچۈن كېمىيىپ كەتتى؟» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى «ساختا خەۋەر» دەپ رەت قىلىپ، 2018-يىلى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ 12 مىليون 700 يۈز مىڭغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ 2010-يىلىدىكىدىن 25 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، بىراق خىتاينىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا ۋاڭ يىنىڭ يوقۇرىقى بايانلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 2020-يىلىدىكى نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى 11 مىليون 600 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى كۆپىيىشى رايون ئومۇمى نۇپۇسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئارتىشىدىن تۆۋەن بولغان. يى فۇشيەن ماقالىسىدە ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدىكى كىشىنى چۆچۈتەرلىك تەڭپۇڭسىزلىقنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىدا 0 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بالىلارنىڭ نىسبىتى، 5 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئاران 3 دىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئۇ، ئۇيغۇرلاردا يېڭى تۇغۇلغاندىن 4 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بالىلار، 5 ياشىن 9 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بالىلارنىڭ ئاران 36 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1990-يىللىرى بىر مەزگىل شەندوڭدا يۈرگۈزۈلگەن «يۈز كۈنگىچە بىرمۇ بالا تۇغماسلىق» دىگەن سىياسىتى بىلەنلا قىياس قىلىشقا بولىدىكەن. لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇغماس قىلىش سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى شەكىللەندۈرگنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
