جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن

ئامېرىكادىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى (Human Rights Institute) ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش ھەم قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان.

بۇ گۇرۇپپا كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى دېرىكتورى ئېلىسا ماسسىمىنو (Elisa Massimino) ۋە ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان سكوت بۇسبى (Scott Busby) نىڭ باشچىلىق قىلىشى ۋە قانۇن فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئامېرىكادىكى مۇساپىرلار ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىدارىنىڭ خىزمەتلىرى ئاستىلاپ كەتكەن بىر ئەھۋالدا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى تېزرەك ھەل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان.

يېقىندا بۇ گۇرۇپپا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايوركاسقا (Alejandro Mayorkas) قايىل قىلارلىق مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى مىنىستىرى مايوركاس ئۇلارنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىسىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىدە قانداق ئىلگىرىلەشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ خېتىگە جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاسىيا قانۇن مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى توماس كېللوگ (Thomas Kellogg) ، ۋالش تاشقى ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جەيمىس مىلۋارد (James Millward) ۋە قوللىنىشچان قانۇن تەتقىقات مەركىزى (Applied Legal Studies) نىڭ فاكۇلتېتى مۇدىرى ئاندرېۋ شېنخولتىز (Andrew Schoenholtz) قاتارلىق نوپۇزلۇق شەخسلەرمۇ قوللاپ ئىمزا قويغان.