شىۋېتسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق H&M شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى سۆزى تۈپەيلى خىتاي دائىرىلىرى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، خىتايدىكى 20 دەك دۇكىنىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىشىچە، H&M مېنىڭ خىتايدا 500 دەك دۇكىنى بار بولۇپ، ئۇلاردىن 20 دەك دۇكان تاقالغان. تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ دۇكانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىجارە بەرگۈچى ئورۇننىڭ توختامنى بۇزۇپ، دۇكاننى قايتۇرۇۋېلىشى سەۋەبلىك تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يېقىندا H&M، نايكى، ئادىداس، يېڭى بالانس، بۇربېرىي قاتارلىق خەلقئارا «سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى» غا ئەزا بولغان داڭلىق خەلقئارا ماركىلار ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» غا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن ياكى «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى. بىراق خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا جاۋابكارلىقى بار 4 خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى جازالىغانىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ H&M قاتارلىق شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىشى غەربنىڭ خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىشىغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان پىلانلىق ھەرىكەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باشقا خەلقئارا شىركەتلەرنىڭمۇ «شىنجاڭ پاختىسى» نى رەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ ئالدىدا-كەينىدە «ھەقسىز» ياكى «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كەلگەن خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
