خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 12-ئۆكتەبىردە «مول ھوسۇللۇق پاختا» نەق مەيدان يىغىنى چاقىرغان ھەمدە ئالدىن تاللانغان ئالتە نەپەر پاختىكارنىڭ ئاغزىدىن «كېۋەزلىكتىكى ھەقىقەت» تېمىسىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى كېۋەزلىكتە ئېچىلغان بۇ قېتىملىق ئوچۇق يىىغىندا پاختىكار دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ كېۋەزلىكتىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلىگەن ھەمدە پاختا تېرىشتىن قانداق باي بولغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنىڭدەك 2018-يىلىدىن ئىلگىرى كېۋەزلىكتە ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا تېرىشنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى، ھازىر پۈتۈنلەي ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پاختىكارلاردىن ئەركىن رېھىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئىلكىمدە 500 مودىن ئارتۇق كېۋەزلىك بار. بۇ يەردىن چىققان پاختىنى ساتسام بۇ يىل بىر مىليون سوم (تەخمىنەن 155 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) دىن جىق پۇل تاپالايمەن» دېگەن.
ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بىۋاسىتە تەكشۈرۈشتە بولغان فىرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاك بۇ ھەقتىكى رادىئو زىيارىتىمىز جەريانىدا؛ «ئۇيغۇر رايونىدا نېفىت قېزىش ۋە بۇرغىلاش مەيدانلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار پۈتۈنلەي خىتايلار، كېۋەزلىكتە تاغار يۈدۈپ پاختا تېرىۋاتقانلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىكەن» دېگەن. شۇنىڭدەك كېۋەزلىكتىكى ئەرزان باھالىق كۈنلۈك پاختا تېرىشنىڭ كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.
