ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالاقە مەركىزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى جېيمېس رۇبىن (James Rubin) خىتاينىڭ ھەر دائىم ئامېرىكانىڭ يامان خەۋەرلىرىنى تارقىتىپ، خىتاينى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ۋىدىيودا، جېيمېس رۇبىن خىتاينىڭ دۇنياغا ماددىي كۈچ جەھەتتىنلا ئەمەس، تەشۋىقات جەھەتتىنمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي تاراتقۇلىرى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن بىرەر جىنايەت، باسقۇنچىلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە چىرىكلىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ، دەرھال خەۋەر قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتايدىكى ئىجابىي ئىشلارنىلا خەۋەر قىلىدۇ، ئەمما خىتايغا پايدىسىز ھېچقانداق بىر سەلبىي نەرسىنى بىزگە بىلدۈرمەيدۇ».
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ئىچكىي كابىنېت يىغىنىدا ‹ئۇيغۇرلارغا قىلچە رەھىم قىلماسلىق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. خىتاي رەھبەرلىرىمۇ بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قوللىنىدىغان ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نېمىشقا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكنى بىلمەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟ چۈنكى خىتاي ئۆز ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا دۇنياغا تارقىتىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشتىن ئۆلگۈدەك قاچىدۇ. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپادىكى يىغىنلارغا بېرىشى ۋە تاراتقۇلاردا گەپ قىلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ھەر دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بۇنداق يىغىننىڭ ئېچىلىشىغىمۇ كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلىدۇ».
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاينىڭ خاتا ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا دۇنيانىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭدىن ئۈنۈم قازىنىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.