«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاخىرىقى نۇسخاسى تولۇق ئاۋاز بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتتى

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرىقى نۇسخاسى 16-دېكابىر كۈنى كېڭەش پاتالاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

-14دېكابىر سەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئورتاق نۇسخاسىدا مۇرەسسەلىشىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.

ئاخىرىقى قەدەمدە بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۋو بايدېنغا ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي يوسۇندا قانۇنلىشىپ، ئىشقا كىرىشىدىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى جەن ساكى 14-دېكابىردىكى باياناتىدا پرېزىدېنت بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە پات يېقىندا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىمزا قويۇپ ئۇنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇنلىشىپ، ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋام پالاتاسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كېڭەش پالاتاسىدىمۇ تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۆتۈشىدەك بۇ تارىخىي ۋەقە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى سۆيۈندۈرمەكتە.