21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ھەققىدىكى 2-قانۇن لايىھەسىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىدا ماركۇ رۇبىيو بىلەن باب مەنەندەز، ئاۋام پالاتاسىدا كرىستوفىر سىمىت بىلەن توماس سوۋزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن جۈمە كۈنى سۇنۇلغان قانۇن لاھىيەسىنى دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمان بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھۇ ئوتتۇرىغا قويغان. برەد شىرمان بىلەن تەد يوھۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يېڭى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ، «بۇ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلىرىنى ناھەق تۇتقۇن قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان شىركەتلەر بىلەن ھەمتاۋاق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم قىلىدىغان يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىدۇ» دېگەن.
يېقىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئامېرىكا گىراژدانلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شىرماننىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «بېيجىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى نىشانغا ئالساق ئامېرىكا بۇنى كۆرمەسكە سالىدۇ، دەپ ئويلىغان» ئىكەن. لېكىن ئۇ باياناتىدا «بىز ئۇنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى قۇدرەتلىك بىر سىگنال بولۇپ، «ئامېرىكىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى ئۈچۈن ھەقىقىي بىر قورال بىلەن تەمىنلەيدىكەن.»
باياناتتا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھۇ «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرى نامىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش مەركەزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز بۇ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىجراچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك» دېگەن. يۇقىرىقى ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسى ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلى تەدبىر قوللانمىدى، دەپ تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپقا خەت يېزىپ، چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۈن، شى داگاڭ، سۇن جىنلوڭ، خۇ ليەنخې قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.