«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى رادىيومىزدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ

ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم سوتلاشدەك بۇ تارىخىي ۋەقەنى ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى نەق مەيداندىن ئۇلاپ خەۋەر قىلىدۇ.

4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىملىق نەق مەيدان خەۋەرلىرىمىزنى تۆۋەندىكى تۆت مەنبەدىن كۆرەلەيسىز:

يۇتۇپ قانىلىمىزدىن كۆرۈش:
https://youtube.com/user/RFAUyghur

فېيسىبۇك بېتىمىزدىن كۆرۈش:
https://www.facebook.com/ErkinAsiyaRadiosi

تىۋىتتېر بېتىمىزدىن كۆرۈش:
https://twitter.com/rfa_uyghurnews