ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇل رەسمى باشلاندى. مەزكۇر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى دەلىللەرنى كۆرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپساندىچىلىكىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇن باشلانغان سوت ئالدىمىزىدىكى 4 كۈن جەريانىدا شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئاڭلايدىكەن.
كۆزۈتكۈچىلەر، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش تەپتىشى، ئەنگىلىيەلىك ئاتاقلىق ئادۋوكات جېفرېي نايىس باش سوتچى بولغان مەزكۇر خەلق سوتىنىڭ ھۆكۈمەتلەرنى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىمۋۇللىق ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سوتتا تۇنجى بولۇپ لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە: «لاگېردىكى قاراۋۇللار مەھبۇسلارغا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلمايتتى. ئۇلارغا ئىتتىنمۇ بەتتەر مۇئامىلە قىلاتتى،» دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلسىمۇ، بىراق لوندوندىكى مۇستەقىل سوت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان دەپسەندىچىلىك جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئەڭ يېڭى قەدىمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلىق ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ بۇ سوت ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
