ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەتتە مىليون دېھقان-چارۋىچى «ئەمگەك تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسى» غا قاتنىشىدۇ

خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ھەرقايسى جايلاردىكى كىشىلەرگە ھۆنەر-تېخنىكا ئۆگىتىدىغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاقلىغان ئىدى. ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ بۇ «مەكتەپ» لەردە كۆرگەنلىرى «كۇرسانتلار» نىڭ ئاشپەزلىك، تىكۈچىلىك، ساتىراشلىق قاتارلىق ھۆنەرلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى بولغان ئىدى.

«شىنجاڭ خەۋەر تورى» نىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قىش پەسلىدە ھەرقايسى جايلاردىكى يەتتە مىليون دېھقان-چارۋىچىنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزىدىلا «تېخنىكا تەربىيەلەش» نۇقتىلىرى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. خەۋەردە بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە چۆچەك شەھىرىنىڭ بوزتاغ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر قىسىم كەنت دېھقانلىرىنىڭ بولكا پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ خىلدىكى «دېھقانلار ئۆيدىن چىقسىلا بارالايدىغان ‹تېخنىكا تەربىيەلەش› نۇقتىلىرى كۆنەس، ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيەلەردىمۇ جىددىي ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جايلاردا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھۆنەر-تېخنىكا ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە دۆلەت تىل-يېزىقى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىمۇ ئۆگىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «تېخنىكا تەربىيەلەش» نۇقتىلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ ھەممىسىدىلا تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىگە قەدەر يەتتە مىليون دېھقان-چارۋىچىنى مۇشۇنداق «تېخنىكا تەربىيەلەش» كە قاتناشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «نۆۋەتتە ئىككى-ئۈچ مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقاندا يەنە يەتتە مىليون كىشىنى ‹تېخنىكا تەربىيەلەش›كە ئەۋەتىش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھازىرقى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يېڭى شەپىسىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.