دىپلومات ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى

5-فېۋرال كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا «شىنجاڭدىكى بىر بايرام» ماۋزۇسىدا بىر پارچە زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى تەتقىقاتچى رۇت ئىنگرامنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىندا قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئورۋېلچە نازارەت سىستېمىسى، چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان كەمسىتىش سىياسەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئۇ زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق يوللاردا، دۇكانلارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلارنىڭ تەبەسسۇم بىلەن بۇ توسۇقلاردىن ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلاردىمۇ ئۇيغۇر يولۇچىلار بىردەك ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈلۈپ تەكشۈرۈلىدىكەن، ئەمما خىتاي يولۇچىلار بەخىرامان سەپىرىنى داۋام قىلىدىكەن.

ئۇ زىيارەت خاتىرىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىيلەر، ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھەممىلا كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان بىر دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت جىددىي بىر ۋەزىيەت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتىنىڭ خەلقنى ئاشۇنداق بىر دۈشمەننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر خىتاي ساياھەتچىلەر بىلەن توشۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنى «بىخەتەر بولدى» دەپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور زىيارىتى داۋامىدا يەنە، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىنى، كوچىلاردا بالىلار ۋە ياشانغانلار سانىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا قارىغاندا نورمالسىز دەرىجىدە كۆپلۈكىنى بايقىغان.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ياغلىق چىگىش، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا كەچ قېلىش، نورمالسىز بۇرۇت قويۇش دېگەندەك ئاتالمىش «جىنايەت» لەر بىلەن لاگېرغا قامىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.