ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتىكى بىر مۇھىم مەزمۇن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا «قىزىل تەربىيە» نى تېڭىش بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ خىل «تەربىيە» نىڭ يالغۇز لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ 1-ئىيۇلدىكى سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» نامىدىكى پارتىيە دەرسىدە ئالاھىدە سۆز قىلغان. شۇنداقلا «بۇ نۇتۇق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەشتىكى مۇھىم قىبلىنامە. بىز بۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ئاددىي ۋە ئۇقۇشلۇق تىلدا تولۇق يەتكۈزۈشىمىز لازىم» دېگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى «بۇ نۇتۇق بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە، جۈملىدىن مۇقىملىق، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى›دا ئۇتۇق قازىنىشىمىزنىڭ كاپالىتى» دېگەن مەزمۇنلارنى بەزىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «چېن چۇەنگونىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى ‹مېڭە يۇيۇش› تەشۋىقاتىنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولۇشىنىڭ بەك چوڭ پەرقىمۇ يوق» دېدى.
دەرۋەقە شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى خاتىرە كۈنىدە سۆزلىگەن سۆزىنى خىتاي مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ھەمدە يېقىندا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىتابخانىلاردا سېتىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى ھەرقايسى مەكتەپلەردە مەنئى قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشر قىلىش ئىشلىرى توختاپ قالغانىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇتۇقنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.
