خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «يۈز كۈندە مىليونلىغان خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى» باشلىغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى سانجىدا «يۈز كۈندە مىليونلىغان خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق مەخسۇس يەرمەنكىسى ئاچقان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 13-ئىيۇن كۈنى باشلانغان بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا جايلاشقان «100 دىن ئوشۇق شىركەت ۋە كارخانا ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن». خەۋەردە يەنە، «بۇ يەرمەنكىنىڭ كەسىپكە خاس ئالاھىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، رايوننىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر پائالىيەت توردا ۋە نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى جەلپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەۋاتقان بىڭتۈەنگە داۋاملىق تۈردە ھەر خىل ناملاردا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. تېخى يېقىندا بىڭتۈەن دائىرىلىرى «مىڭلىغان كارخانىلاردا تۈمەنلىگەن ئىش ئورنى يارىتىش» نامىدىكى ئالاھىدە تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئۇيغۇر رايونى بىلەن بىڭتۈەننىڭ خىتايدىكى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىدىغان غايەت زور ئىش بازىرىغا ئايلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.