ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر سېناتور پومپيوغا خەت يېزىپ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى تەسىرى زور 6 نەپەر سېناتور ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپيوغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

سېناتور مارك ۋارنېر باشچىلىقىدا يېزىلىپ 6 نەپەر سېناتور ئىمزا قويغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپيوغا تاپشۇرۇلغان مەزكۇر مەكتۇپ دەل ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» نىڭ 26-ئىيۇلدىكى خۇلاسە چىقىرىش كۈنىگە توغرا كەلگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» دا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايك پومپيو ۋە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىككى ھالېي قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەقىپلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئامېرىكىدىكى چەتئەللەرگە قارىتا خەۋەر بېرىدىغان 5 مۇھىم تاراتقۇنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى خىتايدىكى 12 مىليوندەك تۈركىي تىللىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارىتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئىشەنچلىك ۋە توغرا بولغان خەۋەرلەرنى بېرىپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئاتا-ئانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىشقا، تۈرمىگە قامىلىشقا ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا. باشقا بىر چەت مەملىكەتنىڭ ئۇچىغا چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشى بىزنىڭ جىددىي دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىماقتا.»

مەكتۇپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز جانابىڭىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە بۇ مەسىلىنى جىددىي بىر مەۋقەدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى تۈرمىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە سىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر مەكتۇپنى يازغان ۋە ئىمزا قويغان ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر سېناتور مارك ۋارنېر، كورى گاردېنېر، تىم كاينې، ماركو رۇبىيو، ئېدۋارد ماركېي ۋە ستېۋ دېينېس قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى 100 نەپەر سېناتور ئىچىدىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىيونلار ھېسابلىنىدىكەن.