تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى 11-فېۋرال كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە 2016-يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مەزكۇر خەۋىرىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا يەنە نۇرغۇن تونۇلغان پروفېسسور-ئاكادېمىكلار، ئوقۇتقۇچىلار، تەنھەرىكەتچى-ئارتىسلار ۋە نۇرغۇن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە ئابدۇقادىر جالالىدىن، تاشپولات تېيىپ، راھىلە داۋۇت، ئالىم ئەخەت، ئەكبەر ئۆمەر قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خەلقئارالىق چاقىرىقلارغا قارىماي ھازىرغىچە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان شۇنداقلا ئاتاقلىق دىنى ئالىم ۋە ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
