ئولىۋىيا ئېنوس: «باچېلېت خانىم! شىنجاڭغا بارماڭ!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدا كۆپ قېتىم مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر كېڭەشنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇش تەلىپىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يوقىلاڭ ۋەدىلەر بىلەن ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باچېلېت خانىمنىڭ زىيارەت تەلىپىگە قوشۇلغانلىقى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 4-ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسىدا «مىراس» فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس كەسكىنلىك بىلەن مىشېل بېچېلېتنى ئۇيغۇر دىيارىغا بارماسلىققا چاقىرغان. بولۇپمۇ باچېلېتنىڭ ماي ئېيىدىكى زىيارىتىنىڭ پاكىتلارنى قولغا چۈشۈرۈشنى كۆزلىگەن سەپەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق «قۇرۇق زىيارەت» بولۇش بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىقاچان بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ «تەكشۈرۈش» ئەمەس، بەلكى «پەقەتلا زىيارەت» بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىشېل باچېلېت زىيارىتى» نى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، بۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشىدىكى ۋاستە قىلىۋالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھېچنەرسە ئېلان قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئۆزلىرى 2021-يىلى تەييارلاپ چىققان دوكلاتنىمۇ ئېلان قىلماي بېسىۋالغان. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مۇشۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىلا بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ يەنە بىر قۇرۇق سوسكا بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. شۇڭا مەن مىشېل باچېلېتقا ‹شىنجاڭغا بېرىپ ئاۋارە بولماڭ› دەيمەن!» دەيدۇ.

ئاپتور ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن ئىسپاتلىرىنى رەت-رېتى بىلەن تىزىپ كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ ئورنىغا ئۈچ تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىرىنچى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىش؛ ئىككىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىۋالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا بېسىم قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىز بولۇشى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «زىيارەت نۇقتىلىرى» نى چەت ئەل دىپلوماتلىرىغا ۋە ئېكىسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەۋاتقانلىقى» ھەققىدە داۋراڭ سالغانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرى ئارقىلىق پاش قىلىنغان ئىدى. شۇڭا نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ئولىۋىيا ئېنوسقا ئوخشاشلا «مىشېل باچېلېتنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى كۈتكەن نەتىجىنىڭ بىرسىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن.