ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ مەيلى دىندار بولسۇن، ياكى پارتىيە ئەزاسى بولسۇن ھېچقانداق ئۇيغۇرنى ئاياپ قويمايۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا يۇغۇرى پەن-تېخنىكىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «سىياسەت» گېزىتىدە 10-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان زور ھەجىملىك ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كېننېس كىد بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى خىتايدىن كەلگەن لى سەيشيا ئىسىملىك بىر خىتاينى ئۆزىنىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ئەمەلىيەتتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، مەزكۇر تەجرىبىخانىدا گېن ئەۋرىشىكىسىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن بۇنى خىتايغا ئېلىپ كەتكەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ماشىنىلىرىنى ياساپ چىققان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ «ئومۇمى خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا بارلىق ئۇيغۇرلارنى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، گېن ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى دېگەندەك بارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىغان. خىتاينىڭ ج خ مىنىستىرلىقىمۇ كۆپ قېتىم ئاشكارا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرنى گېن تىپى بويىچە پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى دەل يېل ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىق قىلىپ چىققان يۇغۇرى پەن-تېخنىكا نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە كونترول قىلىشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پروفېسسور كىد بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا قوش بىسلىق قىلىپ: «بۇ تېخنىكىنىڭ خىتايدا قانداق مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىشىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ خىل تەجرىبىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى» دەپ تۇرۇۋالغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىي رىچاردسون بۇنى تەنقىدلەپ «بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسور كىد ۋە باشقا كىشىلەر ھازىر ساقچى دۆلىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگۈدەك ھالدا ئەمەس» دېگەن.
يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئادىل ئىلھام ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلىلا بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا نۇتۇق سۆزلەشكە كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۆز نۇتقىدا تەكىتلىگەن ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تېخنىكىلارنى قىرغىنچىلىققا قوللىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇ قاتاردا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر يېل ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكى بۇنىڭغا قارىتا رەسمىي يوسۇندا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. پروفېسسور كىدمۇ تا ھازىرغا قەدەر ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ ئۇسۇللارنىڭ خىتايدىكى ساقچى دۆلىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا قانداق يانتاياق بولغانلىقى ھەققىدە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرمىگەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا سوفى رىچاردسون ئىلىم-پەننىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش جايلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى «زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىق» دەپ ئەيىبلىسە، ئادىل ئىلھام سىياسىي رەھبەرلەرنى، بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ داھىيلىرىنى «شۇنچە باياشات مەملىكەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرۇپمۇ خىتايدىن قورقۇپ ياشىماقتا» دەيدۇ.