ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇر ژۇرنالىست مەمەتجان ئابدۇللانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.04.25

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. باياناتچى پاترىك ۋېنترىل يىغىننى ئېچىشتىن ئىلگىرى، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇللانى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

باياناتچى پاترىك مەمەتجان ئابدۇللانىڭ 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەمەتجان ئابدۇللانى ۋە باشقا بارلىق تۈرمىدىكى ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى دەل مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان مەزگىلگە توغرا كەلدى. باياناتچى مۇخبىرلارنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋەقەنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىشىمىز داۋامىدا ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.