خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ قورال ئىشلىتىش مەشىقىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.03.27

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تۆمۈر يول ساقچىلىرىنىڭ قورال ئىشلىتىش مەشىقىنى كۈچەيتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ تۆمۈريول ئامانلىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 26‏-مارت ئاشكارىلىشىچە، 25‏-مارت كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ساقچى ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ بېرىپ، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلغان. مەشقتە، نۇقتىلىق جىددىي ئەھۋاللاردا نىشانغا قانداق ئېتىش، يېقىن ئارىدا تۇرۇپ قانداق ئېتىش، قانداق قارىغا ئېلىش، ئىتتىك ئىنكاس قايتۇرۇش، تېز نىشانغا ئېلىش دېگەندەك ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. .

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىگە زور ھوقۇق بېرىپ، گۇمان قىلغان ھەرقانداق كىشىگە ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بەرگەن. بۇ ھوقۇق رايوندا تۆمۈريول تورىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ تۆمۈر يول ساقچىلىرىغىمۇ كېڭەيتىلگەن. لېكىن خىتاينىڭ رايوندىكى ساقچىلارغا بۇ خىل زور ھوقۇقلارنى بېرىشى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشنى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقلارغا ھېچقاچان قۇلاق سېلىپ باقمىغان ئىدى. «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ 25‏-مارت كۈنى قورال ئىشلىتىش مەشىقى 2 كۈن داۋاملاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.