ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادىي دېلولارغا سىياسىي دېلوغا قارىغاندا يەڭگىل جازا بېرىلمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان پاش بولغان ۋە سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ئىقتىسادىي دېلو جاۋابكارلىرىغا ھەرقاچان «سىياسىي» خاراكتېردىكى دېلولارغا چېتىلىپ قالغانلارغا قارىغاندا يەڭگىل جازا بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى شۈ خوڭيۇەنگە چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمى بۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

«خىتاي قانۇن تورى»نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن جاۋابكار شۈ خوڭيۇەن 1999-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى دوختۇرخانىلار، دورا زاۋۇتلىرى ۋە دورىخانىلاردىن 18 مىليون سومدىن ئارتۇق پارا يېگەن. ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭغا 11 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

رادىيومىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردىكى بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان سىياسىي كونتروللۇق سەۋەبىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق «سىياسىي» مەسىلە ئۈچۈن مۇددەتسىز ياكى 10-20 يىللىق قاماق جازالىرى بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلار دىيارىدا پارا يېيىش پەقەت ھوقۇق تۇتۇۋاتقان خىتاي رەھبىرىي كادىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ئەمما ئۇلارغا ھېچقاچان ئېغىر جازا بېرىلگەن ئەمەس،» دېدى.