خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقاشنىڭ ۋاقتى ھەققىدە سۆز قىلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلارنى تاقاشنىڭ ۋاقتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن قۇرۇلتايغا ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ سانى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە «تەربىيەلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانى چەتئەلدىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر دەۋاتقاندەك ‹بىر مىليون كىشى› دېگەندىن زور دەرىجىدە ئاز» دېگەن.

شۆھرەت زاكىر لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ قامىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادنى نىشان قىلىۋاتقىنىمىز يوق.

كۇرسانتلار خۇددى ياتاقلىق مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇغاندەك ئوقۇپ، ئادەتتە ھەپتە ئاخىرلىرى ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىدۇ» دېگەن. مۇخبىرلار بۇ خىل «تەربىيەلەش» نىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغاندا شۆھرەت زاكىر «قاچانكى شىنجاڭدا بۇ خىل تەربىيەلەشكە ئېھتىياج قالمىغاندا بىز بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىمىز» دېگەن.

شۇنىڭدەك بۇ خىل «تەربىيەلەش» ئىجرا بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاخىرىدا «ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بىز بىر دەقىقىمۇ بوشاپ قالماسلىقىمىز لازىم» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەربىيەلەشكە بولغان ئېھتىياجى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. دېمەك، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.