ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا توختاۋسىز داۋام قىلغان «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پائالىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇمات ۋە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەن ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا يەنە 17 مىليونغا يېقىن ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر خىزمەت باشلانغاندىن بۇيانقى 4 يىل ئىچىدە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن ۋە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان كىشىلەرنىڭ سانى 71 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، سېلىنغان مەبلەغ 5 يېرىم مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرى باشقىچە نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنى بۇ دوكلاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان «ئاتالمىش ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.
يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مەتتىۋ روبېرتسون باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات نەتىجىىسدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىي ئەزا يۆتكەۋاتقانلىقى ۋە بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا سانلىق مەلۇمات ياساۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك پاكىتلار بار ئىكەن. بۇ پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن. چۈنكى خىتايدا يىلىغا ئاز دېگەندە 60 مىڭ ئىچكىي ئەزا يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنچە كۆپ ئىنسان ئىچكىي ئەزالىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىدىكەن.
ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل ئورگان 2019-يىلى 24-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا يۆتكەش قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.