ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇمنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاۋغۇست كۈنىگىچە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىن باشقا يەنە چۆچەك، قەشقەر، بورتالا، ئاقسۇ، قومۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق 7 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە 12 ناھىيە (شەھەر، رايون) گە يامرىغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ 274 نەپەرگە يەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان؛ بۇ تېخى بىڭتۇەندىكى يۇقۇم سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئىلى ئوبلاستىدا يۇقۇمدارلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدە 219، غۇلجا ناھىيەسىدە 33، نىلقا ناھىيەسىدە 4، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىدە 2، بورتالا شەھىرىدە 2، ئاقسۇ شەھىرىدە 2، قومۇل شەھىرىدە 1، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4 يۇقۇمدار بايقالغان.

8-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرغان، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن ھەر قايسى جايلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلارنى «يۇقۇم خەتىرى ئېغىر، ئوتتۇراھال، يەڭگىل» دەپ ئۈچ رايونغا ئايرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 45 رايون «خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن؛ يەنە مەزكۇر ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەردىكى 34 رايون «ئوتتۇراھال رايون»، 9 رايون «يەڭگىل رايون» دەپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي يەنە كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ «ئۈچ رايونغا بۆلۈش» خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغان ھەمدە پۈتۈن رايونغا يامراۋاتقان بۇ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى «ئىلمىي ئۇسۇل، يۇقىرى ئۈنۈم» بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان يۇقۇم ۋەزىيىتىنى قانداق كونترول قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. يۇقۇم ۋەزىيىتى ئېغىر دەپ بېكىتىلگەن رايونلاردىكى خەلقنى «ئۆيگە سولاپ بېقىش» تەدبىرلىرى شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكىگە ئوخشاش كېسەللىك، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكى ئەندىشە ياراتماقتا ئىكەن.