خىتاي بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدا 125 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى جىددىي باش ئاغرىقىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى 2024-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا 126 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

رايوندىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، رايوننىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدىكى ئومۇمىي مۇقىملىقنى ساقلىشىنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى» نىڭ رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى كىرگەندىن بېرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىدىن بېرى، ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئىشلەشكە ۋە يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا يۈرگۈزۈلگەن لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسى داۋاملىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى داۋاملىق كېڭەيگەن.

ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار، 2023-ۋە 2024-يىللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نازىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆتكەن يىلنىڭ ‍ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4. 37 پىرسەنت ئارتقان ئىكەن. خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلىشىش يەرمەنكىلىرىنى ئېچىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.