خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا 4 مىليون مو يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلماقچى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۈگۈن يەنە خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاست مىقياسىدا جەمئىي 4 مىليون 47 مىڭ مو يەرنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن تەقسىملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى تۈسىنى ئېلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت پىلانى مەزكۇر خەۋەردە «شۇ جايلاردىكى يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» ۋە «نامراتلىقنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

خەۋەردە يەنە قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق يېڭىئۆستەڭ يېزا ھەرەمباغ كەنتىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى لو يىڭجاڭنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، «كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش» ئۈچۈن ھەر مو يەرنىڭ ھۆددىگە بېرىلىش ھەققىنىڭ ئىلگىرىكى 150-200 يۈەندىن، ھازىرقى 300-420 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە گەرچە بۇ تەقسىماتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى 756700 نامرات نوپۇسنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەجرىبە-ساۋاقلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، 1950‏-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان «يەر ئىسلاھاتى» دا تېرىلغۇ يەرلەر نامدا بايلارنىڭ قولىدىن نامراتلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ماھىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ قولىغا، يەنى دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىگىسى بولغان خىتاي مىللىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر بىلەن ۋە بوز يەرلەر دۆلەتنىڭ ھىمايىسى سەۋەبلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەندىن باشقا، يەنە بەلگىلىك كۆلەمدىكى يەرلەر شەخسىي تىرىشچانلىقى بىلەن روناق تاپقان بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە ئائىلىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەقسىماتى ئارقىلىق خۇسۇسى ئىگىلىككە، يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدىكى بايلىققا ۋە ياكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى مۈلۈككە كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.