شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بۇ يىل پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 698 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى يېقىندا پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلىدا ھەرقايسى پولك-مەيدانلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە جەمئىي 698 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلىدا بىڭتۇەنگە قاراشلىق ھەرقايسى پولك ۋە مەيدانلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى يارىتىپ پۈتۈن مەملىكەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە زور كۆلەمدە ئىقتىسادىي سېلىنما سېلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئالاھىدە كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان.

نەتىجىدە «يېرىم ھەربىي، يېرىم دېھقان» خاراكتېرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئۆلكە ئىچىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنغا ئايلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر، يەرلىك مىللەتلەر نوپۇسى ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن جەلپ قىلىشنىڭ ئۆزى بۇ يەردىكى ئاساسىي مائارىپنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، دەپ قارىماقتا.