12-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە «شىنجاڭغا يەرلىشەيلى، بۇ يەردە كەڭرى دۇنيا بار» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە دېيىلىشىچە «شىنجاڭغا ئىككى يىللىق ياردەم» گە كەلگەن بىر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن شىنجاڭدا داۋاملىق قىلىشقا تىزىملاتقان. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خوتەندىكى 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسى نەتىجىلىرىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيىلەپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يىزا-قىشلاقلىرىدا يەسلىدىن تارتىپ ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىدىكى بارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللرى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىن سېقىپ چىقىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى تولۇق خىتايچىلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا يىلتىز تارتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن ئاخبارات قاناللىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە قورامىغا يەتكەن ياش ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى شەھەر-بازارلارغا يۆتكەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» دە بېسىلغان بۇ ماقالىدە يەنە بۇ خىتاي ياشنىڭ خوتەن تاۋاكۆل بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى «دادا» دەپ چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
رادىيومىزنىڭ بۇ يىل ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان، ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىشىگە تۇتۇپ بەرگەن.