ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئاللىبۇرۇن خەلقئارالىق ئىلىمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان مول قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مۇمىيالار ۋە باشقىلار بۇ رايوننىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى خىتاي ئالىملىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرگە ئىگە. شۇڭا ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى ئارىسىدا ئارخېئولوگ ئابدۇقېيۇم خوجا ئەپەندىنىڭ 1995-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» ناملىق ئەسىرى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بار تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە تارىخىغا قىزىققۇچىلار بۇ كىتابنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلمەكتە ھەمدە كىتابقا يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
بۇ كىتابنى ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشىدا مۇھىم قوللانما كىتابلاردىن بىرى دەپ قاراپ ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى ھيۇما مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ بۇ كىتابى ئىلمىي ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئەتراپلىق يېزىلغان تارىخ كىتابى. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئۆزى بىۋاسىتە بۇنىڭدىكى بەزى بىر تەتقىقاتلارغا قاتناشقان. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە تارىخىدا مۇكەممەل يېتىشكەن تەتقىقاتچى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ قىممىتى يۇقىرى-دەپ ئويلايمەن.»
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن ۋاقىت چاغاتاي تىلى دەۋرىگە ئائىت ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئېرىكا خانىم ئارخېئولوگىيە ئالىمى ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدىكى چاغاتاي تىلى دەۋرىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئابدۇقېيۇم خوجا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاغاتاي تىلىغا مۇكەممەل ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بىرى. ئۇ، ناۋايى ئەسەرلىرى توغرىسىدىمۇ كۆپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدىكى چاغاتاي دەۋرىگە ئائىت ماقالىلىرى بىزنى شۇ دەۋردە يېزىلغان ئەسەرلەر توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ-دەپ قارايمەن.»
ئارخېئولوگ ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتاب جەمئىي ئالتە بابتىن تەشكىل تاپقان. بىرىنچى بابىدا: ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋردىكى ئالتاي مەدەنىيىتى ۋە تيانشان مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان. ئىككىنچى بابىدا: ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە ئىپتىدائىي سەنئەت ئۈستىدە توختالغان. ئۈچىنچى بابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك تارىخىغا ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. تۆتىنچى بابىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىيا تاش رەسىملەر چۈشەندۈرۈلگەن. بەشىنچى بابىدا، ئىلى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە توختالغان.
ئالتىنچى بابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى ئۈستىدە توغرىسىدا توختالغان.
ئارخېئولوگىيە ئالىمى ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە تارىخىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە كيۇ شۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى:
ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيىسىگە ئائىت ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدىن تېپىلغان قەدىمكى «كروران گۈزىلى» نىڭ قۇرۇق جەسىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان 300 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1992-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ توكيو، فۇكوكا، كيوتو قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن كۆرگەزمە قىلىنىپ ياپونىيە جەمئىيىتىدە زور داغدۇغا پەيدا قىلغان.
ياپونلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بۇ خىلدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ياپونىيەدە تونۇشتۇرۇش ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدە چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ خەلقئارادا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئارخېئولوگىيە كۆرگەزمىلىرى ئىچىدە مەزمۇنى مول، كۆلىمى كەڭ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سۈپىتى خىل، سانى كۆپ ۋە ۋاقتى ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق كۆرگەزمە ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان بۇ كۆرگەزمىگە ئائىت ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە،«قەدىمكى كروران گۈزىلى جەسىتى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار» كۆرگەزمىسى 1-قېتىم توكيو دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مۇزېيىدا 1992-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە؛ 2-قېتىم فۇكوكا گۈزەل سەنئەت سارىيىدا 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە كۆرگەزمە قىلىنغان. 3-قېتىم كيوتودا 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە داۋام قىلغان.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك كۆرگەزمىلەرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن ئابدۇقېيۇم خوجا قاتارلىقلارنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ «كروران گۈزىلى» ۋە باشقىلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
