ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي ئارخېئولوگلىرى بىرلىكتە قەدىمى شەھەر خارابىسىنى قازدى
2017.01.15
خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارخېئولوگلىرى بىرلىشىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت ئارخېئولوگلىرى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئوزبېكىستان تەۋەسىگە جايلاشقان قىسمىدىكى مىڭتۆپە شەھىرى خارابىسىدا قېزىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككى ئەل ئالىملىرى ھەمكارلىقنى 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
شەھەر خارابىسىنى قېزىش ۋە چىققان بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئالىملار مىڭتۆپەدىكى بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ 2000 يىللار ئىلگىرى پەقەت ۋاقىتلىق ھەربىي مۇداپىئە قورغىنى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بېكىتكەن.
ئۇلار خارابىدىن شەھەر دەرۋازىسى، ئىچكى قەلئە، قەبرىستانلىق، تاشقى شەھەر سېپىلى، ھۈنەرۋەنچىلىك نۇقتىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئىزلىرىنى تاپقان.
بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان خىتاي تەرەپ مۇتەخەسسىسى ئۆزبېكىستان ئارخېئولوگلىرىنىڭ شەھەر خارابىسىنىڭ يەر ئۈستىدىكى قىسمى بىلەن ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بولسا خارابىنىڭ يەر ئاستىدىكى قىسمىغا كوپ كۆچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن،
مىڭتۆپە ئەنجان شەھىرىگە يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايلار قەدىمكى تارىخى مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان داۋەن دۆلىتىنىڭ زېمىنلىرىدۇر. خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدە خاتىرىلىشىچە،مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 104-99-يىللىرى ئارىسىدا غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن داۋەن دۆلىتى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغان بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسى گېنېرالى لى گۇاڭلى بۇ دۆلەتتىن ساماۋى ئاتلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپتە قاتتىق مەغلۇپ بولغان، كېيىنكى قېتىملىق ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈلھى تۈزۈلگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلىرى قەدىمكى داۋەن دۆلىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن.