«ۋولكىسۋاگېن» شىركىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاندى

ئۇيغۇر دىياردىكى سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا ئەنگلىيەدىكى بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتىنىڭ خىتايدىكى باش ئىجرائىيە رەئ‍ىسى ستېفان ۋوللېنستېينغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى. 27-دېكابىر كۈنى «خارېت» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپقا ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەركىتى» نىڭ دىرېكتورى بلايىر مەكدوگال، «كىشىلىك ھەقلەردە يەھۇدىيلار ساداسى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ميا گروس قاتارلىق ئالتە كىشى ئىمزا قويدى.

مەكتۇپتا رەئىس ستېفان ئۆتكەن ھەپتە BBC ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىز شىنجاڭدىكى زاۋۇتلىرىمىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر رايوندىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋام قىلماقچى بولغانلىقى تەنقىدلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتىنىڭ بۇ ھەركىتى ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، رەئىس ستېفان زىيارەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ئەمگىكىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مەكتۇپتا ھېچقانداق ئىشنىڭ 100 پىرسەنت مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى، دەل مۇشۇ خىل «شۈبھىلىك» بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن Adidas، H&M قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىندى. شۇنداقلا «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتىنىڭ 1940-يىللاردا يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىغا بىر قېتىم ئ‍ىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمدەمدە بولغانلىقى، ئەمدى ئوخشاش خاتالىقنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا ياردەمدە بولماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان خىزمەت كېلىشىمىدە 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلەت ئىستىخبارات قانۇنى» غا بويسۇنىدىغانلىقى ئورۇن ئالغان. بۇ ماددا بويىچە «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتى جەزمەن خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى قوللىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇشى لازىم ئىكەن. خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بولسا دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ھەمدە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماشقا مەسئۇل ئىكەن. ئوچۇق مەكتۇپتا مۇشۇ ئەھۋال ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلارنى خىتاي سىرتىغا كۆچۈرۈپ كېتىش، شۇ ئارقىلىق «ۋولكىسۋاگىن» شىركىتىنىڭ ئىززىتىنى ھەمدە خەلقئارادىكى ھۆرمىتىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى.