ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرگە «جاللات ۋاڭ جېن» دەپ تونۇلغان تارىخىي شەخس ۋاڭ جېننى بۇ جايدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زور ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. «خىتايدا ئىشلەنگەن» ژۇرنىلىنىڭ 2018-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان توم كلىف ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالە ئەنە شۇ مەسىلىگە بېغىشلانغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتايلار ئارىسىدا «گېنېرال ۋاڭ جېن بولغان بولسا ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلالمايتتى، بۇنداق قىلالمايتتى» دېگەندەك مەزمۇندىكى پاراڭلار ئەۋج ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، 1950-يىللىرى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئەۋەتىلگەن گېنېرالى ۋاڭ جېن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن قىرىپ تاشلاشتا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان. ئالاقىدار خىتاي ئاپتورلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «قارشىلىق»قا مەنسۇپ ھەرقانداق ئېلېمىنتنى بىردەك «ئېتىپ تاشلاش» ئارقىلىق باستۇرۇشى ئەينى يىللاردا «يىغلاۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاققا ‹ۋاڭ جېن كەلدى› دېسە بوۋاقنىڭ يىغىسى شۇ ھامان توختايدىغان» ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.
ماقالە ئاپتورى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي مۇھىتنى ئەسلىگەچ، شۇ ۋاقىتتا ۋاڭ جېننىڭ خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭغا «بۇ چاتاقچى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش» تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى، ئەمما ماۋ زېدوڭنىڭ بۇ تەكلىپنى «بىرئاز ئېشىپ كەتكەن» دەپ قاراپ ۋاڭ جېننى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ماۋ زېدوڭنىڭ ئورنىغا چىققان شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن چېن چۇەنگونىڭ دەل ئاشۇ ۋاڭ جېن ئورۇنلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا كىرىشكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاپتور ئاخىرىدا چېن چۇەنگونىڭ غايەت زور مەبلەغ ۋە سىياسىي تىرىشچانلىق ئارقىلىق «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى، بۇ سىستېمىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ تەھدىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭدا سوئال قويۇشقا تېگىشلىك كۆپلىگەن نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ.