ئامېرىكاىلىق ژۇرنالىست ۋە ئوبزورچى جوش روگىن 15-مارت «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى رەقىبلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئوتتۇرىسىدا تاشقى سىياسەت، ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ ھاڭ بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا، باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسى ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈۋاتقان ئامىلغا ئايلانغان.
جوش روگىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 13-مارت ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلار ئۈچۈن رايوندىكى بۇ ھادىسىلەر تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە، ئۇنىڭ خىتايدىكى دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە ئېغىزىدا بولسىمۇ ئاشكارا قارشى تۇرۇشى بىر يېڭىلىق ئىكەن.
ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «خىتاي ئېتىقاد بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا. بۇ، ئۇ ھېچقاچان يېڭەلمەيدىغان بىر ئۇرۇشتۇر، دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» گە كاپالەت بەرگەن 39 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنىڭ ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر، دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادام شېف، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارك مېدوۋدەك تاشقى سىياسەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردە قارمۇ-قارشى سەپتىكى سىياسەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جوش روگىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە باشقا غەرب پايتەختلىرىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا زور ئويغىنىش ۋە بىرلىكنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ: «دۇنيانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى» دېگەن.
